Uyghur主要词典
دەرمان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۈچ، قۇۋۋەت:
ناتەۋان جانىمغە جانا ئۇلفەتىڭ دەرمان ئىدى،
ماڭا ئەمدى فۇرقەتىڭدىن نې تەۋان قالدى نې تاب.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا قىلىنىدىغان ۋاستە، كېسەلنى ساقيتىدىغان نەرسە.
ئۆلۈمدىن باشقىغا داۋا بار. دەردكە داۋا، رەنجىگە شىپا. ئاغرىقنى ئۆزۈڭ ياپساڭ، شىپاسىنى نەدىن ئالارسەن؟ دەردكە دەرمان بول. ئىلاجى يوق كېسەل يوق. ئەمگەك كېسەلگە ئەم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنى ھەرىكەتلەندۇرىدىغان، ھەرىكەتتىكى جىسىمنى توختىتىدىغان ياكى جىسىمنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىدىغان قابىلىيەت، رول، ئۈنۈم.
«كۈچ، قۇۋۋەت، قۇدرەت، جان» ئەڭ ئومۇمىي، ئادەم، ھايۋان ۋە ھەممە شەيئىدە بولىدۇ.
«چاما، مادار، ماغدۇر، ماجال، ھال، دەرما
بىلىم - كۈچ. كۈچ - ئۆملۈكتە. كۈچ - قۇدرەتمۇ ئەقىلغە يول بېرەر. بۇ تاماكىنىڭ كۈچى يوق ئىكەن. ئات كۈچى؛ ئەمگەك كۈچى. ئادەمنىڭ قۇۋۋىتى بىلەكتە، ھايۋاننىڭ تۇياقتا. بىلمەسلكتە بار ئىدى خۇش قۇۋۋىتىم، بىلگىنمدە قالمىدى ھېچ قۇۋۋىتىم. خۇلقى يامانلارغا بەرمە زەررە قۇدرەت، يامانلىقلىرىغا بەرمە كۈچ - قۇۋۋەت. چامىسىغا قاراپ چانىسى. تاماق - تەننىڭ مادارى. ماغدۇرۇم باردا يوق، ماغدۇرۇم كەتكەندە تەييار. قايسى تەرەپكە كەتتى خىيالىڭ، گەر قىلساڭ پەرۋاز، يېتەر ماجالىڭ. ھالى يەتمىگەن خۇداغا يېلىنار. دەرد بار، دەرمان يوق. سۆلى يوقنىڭ كۈنى تەس. قورساقتا نان بولسا، بىلەكتە جان بولىدۇ. جېنى يوق ئېشەك، بىر پارچە خام كېسەك. ئاق نان تېپىشقا قۇربى بار ئىنسان كېپەك ئارقىسىدىن چاپماس ھېچقاچان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ماغدۇر، مادار، كۈچ.
ھەسەن دولانمۇ ئۇلارنى كۆرۈپ، بېشىنى ياستۇقتىن كۆتۈرمەكچى بولدى - يۇ، دەرمانى يەتمىدى.
كۆچمە. مەدەت، ياردەم.
قىپقىزىل تاڭنىڭ نۇرىغا چۆمگىنىمدە ياشىرىپ، كۈچكە تولدۇم ياش يىگىتتەك ئاشۇ نۇر دەرمان بولۇپ.
چارە، ئىلاج، داۋا.
ئۇ ئەمدى مەنمۇ ئاپامنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشۇم كېرەك، يەنىلا قىڭغىر يولدا مېڭىۋەرسەم بولمايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ.