Chinese→Uyghur主要词典
德日反共协定
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە - ياپونىيىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى كېلىشىمى
گېرمانىيە بىلەن ياپونىيە 1936 - يىل 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېرلىندا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ تۈزگەن سىياسىي كېلىشمى. ئاساسلىق مەزمونى: كېلىشىم تۈزۈشكەن دۆلەت كوممۇنىستىك ئىنتېرناتىسئونالنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئۆزئارا ئاخبارات ئالماشتۇرۇش ھەمدە يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، <زۆرۈر مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىش>تىن ئىبارەت. مەخپىي قوشۇمچە ھۆججەتتە كېلىشىم تۈزۈشكەن بىر تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن توقۇنۇشقاندا كېلىشىم تۈزۈشكە يەنە بىر تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىلىق بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللانماسلىقى؛ كېلىشىم كۈچكە ئىگە مەزگىلدە ئىككى تەرەپ قوشۇلماي تۇرۇپ، سوۋېت ئىتتپاقى بىلەن مۇشۇ كېلىشىمنىڭ روھىغا زىت كېلىدىغان ھېچقانداق سىياسىي شەرتنامە ئىمزالىماسلىق كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىتالىيە 1937 - يىل 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ۋېنگرىيە ۋە قورچاق مانجورىيە 1939 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئىسپانىيە 1939 - يىل 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى بۇ كېلىشىمگە قاتناشقان. كېيىن بۇلغارىيە، فىنلاندىيە، رومىنىيە، دانىيە، سىلۋاكىيە، كرودىيە قورچاق ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو ۋاڭ جىڭۋېي قورچاق ھاكىمىيىتى بۇ كېلىشىمگە كەينى - كەينىدىن قاتناشقان. گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن بۇ كېلىشىم بىكار قىلىنغان.