Uyghur←Chinese主要词典
دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىغا قاراپ دەۋرلەرگە بۆلۈش
دۇنيا تارىخى
树木年轮断代
shù mù nián lún duàn dài
قەدىمكى ياغاچلاردىن پايدىلىنىپ قەدىمكى زاماندىكى خارابىلىقلارنىڭ دەۋرىنى بەلگىلەپ چىقىدىغان بىر خىل ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇل كونىراق بولسىمۇ، لېكىن ئېنىقلىنىش دەرىجىسى بەك توغرا. دەرەخ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن دەرەخنىڭ كەسمە يۈزىدە ئارىلىقى زىچراق بولغان يىل ھالقىسى شەكىللىنىدۇ. ئوخشاش رايوندىكى دەرەخلەرنىڭ يىل ھالقىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر - بىرىگە ئوخشاپراق كېتىدۇ. كېسىلگەن ۋاقتى ئېنىق بولغان دەرەخنىڭ يىل ھالقىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كوردىناتلىق قەغەزگە ئەگرى سىزىق بويىچە چۈشۈرۈپ، ئاندىن شۇ بويىچە ئۆسكەن مەزگىلىدىكى قىسمەن گىرەلىشىپ كەتكەن دەرەخنىڭ يىل ھالقىسى ئەگرى سىزىقى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغاندا، يەنى ئۆلچەملىك بىر ئەگرى سىزىقى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغاندا، يەنى ئۆلچەملىك بىر ئەگرى سىزىقنى سىزىپ چىققىلى بولىدۇ. قەدىمكى دەۋردىكى خارابىلىقلار ياكى قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان ياغاچلارنىڭ يىل ھالقىسى ئەگرى سىزىقى بىلەن ئۆلچەملىك ئەگرى سىزىقنى بىر - بىرىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەرەخنىڭ كېسىلگەن يىلىنى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ. شۇڭا، قەدىمكى خارابىلىقلارنىڭ نىسپىي يىلىنى ھۆكۈم قىلىپ چىقىرىشقا بولىدۇ.