Chinese→Uyghur主要词典
等渗溶液
ئۆسۈملۈك
děng shèn róng yè
تەڭ ئوسموسلۇق ئېرىتمەDتېببىي
děng shèn róng yè
تەڭ ئوسمۇس بېسىملىق ئېرىتمە، ئىزوتونىك ئېرىتمەDباغۋەنچىلىك
děng shèn róng yè
ئوسموتىك بېسىملىك ئېرىتمە
بىئولوگىيە
ئىزوسموتىك ئېرىتمە
9.0 پىرسەنتلىك ناترىي خلورىد ئېرىتمىسىنىڭ ئىزوسموتىك بېسىمى ئادەم ۋە باشقا ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ قان پلازمىسىنىڭ ئوسموتىك بېسىمىغا تەڭ بولغاچقا بۇنداق كونسېنتراتسىيىدىكى ناترىي خلورىد ئېرىتمىسى ئادەتتە ئادەم، ئېمىتكۈچى ھايۋانلارنىڭ ئىزوسموتىك ئېرىتمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. قان پلازمىسىنىڭ ئوسموتىك بېسىمىدىن يۇقىرى بولغان تۇز ئېرىتمىسى گىپېرتونىك ئېرىتمە دېيىلىدۇ؛ قان پلازمىسىنىڭ ئوسموتىك بېسىمىدىن تۆۋەن بولغان تۇز ئېرىتمىسى گىپوتونىك ئېرىتمە دېيىلىدۇ. توقۇلما ھۈجەيرىلەر ئىزوسموتىك ئېرىتمىدە ياشىغاندىلا ئاندىن نورمال ھۈجەيرە مورفولوگىيىسىنى ساقلاپ فۇنكسىيىسىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. نورمال ئەھۋالدا، قىزىل ھۈجەيرىنىڭ ئىچكى ئوسموتىك بېسىمى بىلەن ئەتراپتىكى قان پلازمىسىنىڭ ئوسموتىك بېسىمى تەڭ بولىدۇ. ئەگەر قىزىل ھۈجەيرە گىپوتونىك ئېرىتمىدە تۇرغۇزۇلسا سۇ ھۈجەيرە ئىچىگە سىڭىپ كىرىدۇ، سۇنىڭ سىرغىپ كىرىشى ھۈجەيرىنى كۆپتۈرىدۇ، سۇنىڭ كىرىشى ئارتۇقچە كۆپ بولۇپ كەتسە قىزىل قان دانىچىلىرىنىڭ يېرىلىپ، گېموگلوبىنلارنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گېموگلابىنلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىن چىقىپ كېتىش ھادىسىسى گېمولىز (قان ئېرىش) دېيىلىدۇ. ئەگەر قىزىل قان دانىچىلىرى گىپېرتونىك ئېرىتمىدە تۇرغۇزۇلسا ئۇ چاغدا قىزىل ھۈجەيرىدىكى سۇ ھۈجەيرە سىرتىغا سىرغىپ چىقىپ قىزىل قان دانىچىلىرىنى قورۇلدۇرۇپ قويىدۇ، ھۈجەيرە فۇنكسىيىسىنى يوقىتىدۇ؛ ئەگەر سىرتقى ئېرىتمىنىڭ كونسېنتراتسىيىسى بەكمۇ يۇقىرى بولۇپ قىزىل ھۈجەيرىلەر بەك قورۇلۇپ كەتسىمۇ قىزىل ھۈجەيرىلەرنىڭ ئېرىش ھادىسىسى (گېمولىز) پەيدا بولىدۇ.