Chinese→Uyghur主要词典
德纳里峰
دۇنيادىكى شەھەرلەر
دېنالى چوققىسى
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى ئالياسكىنىڭ جايلاشقان ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 6193 مېتر كېلىدۇ. بۇ شىمالىي ئامېرىكا بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. دېنالى رايونىنىڭ ئىقلىمى سوغۇق، قىش پەسلى ئۇزۇن، بىراق بۇ تاغ چوققىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۆسۈملۈكلەر مول، ھايۋانلار كۆپ بولغاچقا، 1917 - يىلى ئا ق ش ھۆكۈمىتى بۇ تاغ چوققىسىنىڭ ئەتراپىدىكى 6800 كۋادرات كىلومېتردىن ئوشۇق يەرنى دېنالى دۆلەت باغچىسى قىلىپ ئايرىدى. بۇ ئا ق ش تىكى دۆلەتلىك سېرىق تاغ باغچىسىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندىكى چوڭ دۆلەت باغچىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا مۇزلۇق تۇپراقلارنى، ئېگىز تاغ ئىقلىمىنى، ئېكولوگىيىنى تەتقىق قىلىش ئورۇنلىرى، ئېگىز تاغ ئىقلىمىنى، ئېكولوگىيىنى تەتقىق قىلىش ئورۇنلىرى، شۇنداقلا يەر شارى فىزىكىسى (قۇتۇ نۇرىنى، ماگنىت مەيدانلىرىنى) تەتقىق قىلىش ئورۇنلىرى بار. دېنالى مۇھىم ساياھەت رايونى، بۇ جايغا ساياھەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن مېھمانخانىلار، تاغقا چىقىش ئورۇنلىرى تەييارلانغان. ئالياسكا داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دائىم بۇ جايغا كېلىپ دالا پراكتىكىسى ۋە تاغقا چىقىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.