Chinese→Uyghur主要词典
德谟克利特
ئىستېتىكا
dé mó kè lì tè
دېموكرىت (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 460 - يىلدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 370 - يىلغىچە)، يۇنانلىق ماتېرىيالىستىك پەيلاسوپ،ئاتوم نەزەرىيىسىنىڭ ئاساسچىسى.
دۇنيا تارىخى
دېموكرىت
(تەخنىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 460-370)قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى فراكىيىدىكى ئابدېرادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى داماشبوس ئاقسۆڭەك ئىدى. ئۇ غەربىي ئاسىيا، ھىندىستان، مىسىر قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. پەلسەپە، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، بىئولوگىيە، ئېتىكا ۋە مۇزىكا، شېئىر قاتالىق كۆپ خىل پەنلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. بالىلىق دەۋرىدە لېۋكىپپىنىڭ ئۇستاز تۇتقان. ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسىمى لېۋكىپپىنىڭ بولسا كېرەك لېۋكىپپى ، <ئاتوم نەزەرىيىسى>نىڭ ئاساسچىسى دەپ قارالغان دېمۇكرىت بۇ نەزەرىيىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۇنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن. ئۇ ئاتوم ۋە بوشلۇق ـ ئالەمنىڭ مەنبەسى ئاتوم كۆرگىلى، ئاجراتقىلى بولمايدىغان ئەڭ كىچىك ماددىي زەررىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ خۇسوسىيىتى شۇكى ئۇ تولۇق يوچۇقسىز بولۇپ دائىم ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرىدۇ ئاتوم سۈپەت جەھەتتە پەرقلەنمەيدۇ پەقەت شەكىل چوڭكىچىكلىك ۋە تەرتىپ جەھەتتىلا بىرـ بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بوشلۇق بولسا ئاتومنىڭ ھەرىكەت سورۇنى بولۇپ ئۇنىڭ خاراكتېرى تارقاق بولىدۇ. ئاتومغا ھەرىكەت خاراكتېرىنى يارىتىپ بېرىدۇ ئاتوم بىلەن بوشلۇقتىن ئىبارەت ئىككىسى ئەمەلىي مەۋجۇدىيەتتۇر. سان - ساناقسىز ئاتوملار چەكسىز بوشلۇقتا توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. ھەر خىل ئاتوملار ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى ئوخشاش بولمىغاچقا بىربىرىگە سوقۇلۇپ، ئاتوملارنىڭ قاينىمى شەكىللىنىپ ئۆزئارا بىرلىشىپ كائىنات پەيدا بولىدۇ. جىسىمنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئاتومنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە بىرلەشكەنلىكىدىن بولغان بىرلەشمەۋۇجودقا كېلىدۇ، ئاجرىسا يوقىلىدۇ<روھ>مۇ ئاتومدىن تۈزۈلگەن بىراق ئۇ ئەڭ نازۇك، ئەڭ زېرەك، ئەڭ سىلىق ئاتوم، ھايات روھى ئاتومنى توختىماي قۇبۇل قىلش ئارقىلىق مەۋجوت بولۇپ تۇرىدۇ ئۆلگەن چاغدا روھىي ئاتوم تارقىلىدۇ دەپ قارالغان ئۇ ھەممىنى زۆرۆرىيەت بەلگە كىشىلەر بىلىمسىزلىك تۈپەيلىدىن تاسادىپىيلىق مەۋجۇدىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلغان تۇيغۇنىڭ بىلىشنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى ئاتومدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن جىسىم تارقاتقان بىر خىل كۆلەڭگىنىڭ تۇيغۇ ئەزالىرىنى قوزغايدىغانلىنى پەقەت ئەقلىي تەپەككۇرلا ھەرىكەتلىنىۋاتقان ئاتومنىڭ مەۋجوتلۇقىنى ئىگىلىيەلەيدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان ئۇ بەخت ئىنسانلارھاياتلىقىنىڭ مەقسىتى ھەقىقىي بەخت تۇيغۇ ئەزاسىنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئەمەس شەھۋەتپەرەسلىك قىلىشمۇ ئەمەس بەلكى ئەقلىي جەھەتتە ئېرىشكەن روھىي تىنچلىقتىن ئىبارەت ئىلاھ كىشىلەرگە بەخت ئاتاقىلمايدۇ، ئىلاھ مەۋجۇت بولسىمۇ بەرىبىر ئۆلىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلغان ئۇ دېمۇكراتىك سىياسىينى ھىمايە قىلغان دېمۇكراتىك تۈزۈم ئاساسىدىكى نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈش خانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى بەختتىن ياخشى ئەركىنلىك بەرىبىر قۇللۇقتىن ياخشى دېگەننى تەشەببۇس قىلغان ئۇنىڭ ماتېرىيالىزىملىق ئىدىيىسى شۇ چاغدىكى ئىدېئالىزملىق(مەسىلەن:ئەپلاتون) ئىدىيىسىگە قارىتا كۈچلۈك تەنقىد بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ<ئاتوم نەزەرىيىسى>توغرىسىدىكى تەلىماتىغا كېيىنكى ئېپىكۇرۇس ۋارىسلىق قىلغان، ماركىس بىلەن ئېنگىلىس ئۇنى<تەبىئي پەن بويىچە تەجرىبىلىك ئالىم ۋە يۇنانلىقلار ئىچىدىكى تۇنجى قامۇسچى ئالىم>دەپ قارالغان(<ماركىسئېنگېلىس ئەسەرلىرى>، 3-توم، خەنزۇچە نەشرى 146-بەت).لېنىن يەنە ماتېرىيالىزملىق تەرەققىيات لۇشيەنىنى (<دېمۇكرىت لۇشيەنى >دېگەنىدى . ئېيتىشلارغا قارىغاندا 50 نەچچە خىل ئەسەر يازغان بۈگۈنكى كۈندە بەزى پارچىلىرىغا قالغان.