Uyghur主要词典
دەلۋ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
چېلەك، سۇغا:
قەدىمكى ئاسترونومىيىدە ئون ئىككى بۇرجىنىڭ ئون بىرىنچىسى؛ قىش پەسلىنىڭ ئۈچىنچى ئېيى:
قىرىق غۇلاچ سىيلى جىبورتوپ سالىپ،
دەلۋ بىلەن چەشمەسىدىن سۇ ئالىپ.
زەلىلى.
2. دەلۋە چاغى، جىدد چاغى، جىلۋەگەردۇر بۇلئەجەب،
يوقدۇرۇر دەۋزەخدە مۇنداغ ھەم يانا ھاشا ساۋۇق.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۇغا، چېلەك، قۇدۇقتىن سۇ تارتىش ئۈچۈن تېرىدىن قىلىنغان تورۋا؛ كۆكتىكى ئون ئىككى بۇرجىنىڭ بىرى (قەدىمكى ئىلمىي نۇجۇمدا).