Uyghur主要词典
دەلدۈش
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
ساراڭ قېتىش، لەقۋا.
پسىخولوگىيە
(مەتۇ) بۇ ئەقلىي قابىلىيىتى ئەڭ تۆۋەن بالىلارنىڭ بىر خىلى. بۇنىڭ ئىپادىسى : سۆزلىشەلمەيدۇ، پەقەت ئاددىي تاۋۇشلارنىلا تەلەپپۇز قىلالايدۇ. ساناقنى بىلمەيدۇ، ئىش قىلالمايدۇ. تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىدۇ. بۇمۇ بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، دورا بىلەن داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. مۇنداق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئانا - بالا گېگىنىسىگە دىققەت قىلىش، يېقىن تۇغقانلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دەلدەڭشىپ ماڭىدىغان؛ لەقۋا.
باي بالىسىنىڭ مېڭىسى ئېغىر زەخمىلەنگەچكە ئۈچ - تۆت ئايدىن كېيىن ئاران ساقىيىپتۇ، ساقايغاندىمۇ دەلدۈش بولۇپ ساقىيىپتۇ.