Uyghur主要词典
دەججال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئالدامچى، ھىيلىگەر.
ئەپسانىۋىي مەخلۇق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يالغانچى، ئالدامچى؛ ئالدىن بىلەرمەن بولۇۋالغۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چۆچەكلەردە كىشلەرنى ئازدۇرىدىغان، كىشلەرگە زۇلۇم سالىدىغان سەلبىي ئوبراز.
دەججالنىڭ توقۇمى پۈتمەس، زۇلىمى تۈگمەس. يالماۋۇزدىن قورقما، يالماۋۇز نىيەتلىك كىشىدىن قورۇ. يەتتە باشلىق يالماۋۇز قىزنىڭ تاپىنىدىن قېنىنى شورايدىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<دىن> دىنىي ئەقىدىلەرگە كۆرە قىيامەت يېقىنلاشقاندا تۇغۇلۇپ كىشىلەرنى دىندىن ئازدۇرۇپ، ئۆز مەسلىكىگە كىرىشكە دەۋەت قىلىدىغان مەخلۇق.
كۆچمە. ئىنتايىن ئەسكى، ئۆتۈپ كەتكەن يامان ئادەم، ئالدامچى.
كۆيگىنىمنى قىلدى بۇرنۇمدىن بۇلاق، ۋاي ئىسىت، دەججالنى جانان دەپتىمەن.