Uyghur主要词典
دەيدەيگە سالماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يامان ئىش - ھەرىكەت قىلىشقا دالالەت قىلماق.
ئىت ئىگىسى كۈشكۈرتسە، قاۋايدۇ، چىشلەيدۇ، بەزىلىرى كۈشكۈرتمىسىمۇ قاۋايدۇ، چىشلەيدۇ. قۇتراتقانغا قۇترىما، قۇتراپ قويۇپ دەردىنى تارتما. ئۇ ئۇرۇشۇپ قالغان قېرىنداشلىرىنى ئاجرىتىپ قويماق تۈگۈل، دەيدەيگە سالىدۇ. ئۇ قۇشلىسا، ھەممىنى ئالىدىغان مەخلۇق، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا قۇشلاپ قويسا، جىق كىشىگە ئۇۋال قىلدى. ئول ئاڭار ئىت تۈتۈردى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
كۈشكۈرتمەك، قۇتراتماق: ئۇلار ئىككى تەرەپ بولۇپ مۇشتلىشىشقا باشلىدى. بەزىلەر سىرتتىن ئۇلارنى دەيدەيگە سېلىپ جېدەلنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى.