Uyghur主要词典
دەھشەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قورقۇنچ، قورقۇنش، چۆچۈش.
قىيامەت خەۋپى.
تىنچىسىزلىق، خەۋپ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قورقۇنچ، ئۇركۈنج، ھولۇقۇش، بىتاقەت بولۇش؛ دەھشەت ئەنگىز - قورقۇنچلۇق، قورقۇتقۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قورقۇش ھېس قىلىش ھالىتى.
قورقۇنچ ئېغىر بولسا، روھىي ھالەتكە قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. دەھشەت دەرد كەلتۈرىدۇ. ۋەھىمە سالامەتلىككە زىيانلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك ئەھۋال، كۆرۈنۈش، ھادىسە.
ئادەملەر بۇ دەھشەتتىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ قالايمىقان چۇرقىرىشاتتى.
ئى. قورقۇنچ، خەۋپ، ۋەھىمە.
ئىككىيلەن رىشىتنىڭ چىرايىدىكى دەھشەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
سۈپ. يامان، قاتتىق، ئىنتايىن.
ئەتراپنى قورشاپ قاتار چېرىك كېلىدۇ، قىزىل قانغا قامچىلار شېرىك كېلىدۇ، چېرىكبېشى بوغۇلۇپ چىرقىرار دەھشەت، قارا قولدا قانلىق قىلىچ پىرقىرار دەھشەت.
ئى. كۆچمە. قەھر، غەزەپ؛ شىددەت.
ئۇ، تېخىمۇ دەھشەت بىلەن ھۆركىرەشكە باشلىدى.