Uyghur主要词典
دەھر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زامان، دەۋر؛ دۇنيا، ئالەم:
يەر يۈزى.
ھايات:
1. جەھان مىكىرىغە خۇرسەند ئولمايىن ئاھىستە باسغىلكىم،
بۇ دەھر ئىچرە بولۇپدۇر فىتنەئى ئاخىر زەمان پەيدا.
ئەرشى.
2. سىپاھدىن تولا كۆردىلەر يەر يۈزىن،
قارا ئەيلابان دھر تاغۇ تۈزىن.
نەۋايى.
3. گۇلنىڭ شەئىنى مۇنەۋۋەر قىل،
ئەترىدىن دەھرنى مۇئەتتەر قىل.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
زامان، دەۋر، ئۇزاق ۋاقىت؛ دۇنيا، ئالەم؛ تەقدىر، قىسمەت: دەھر باغى - دۇنيا، ئالەم، تەبىئەت؛ دەھر نەۋەرد - دائىم ئالەمنى كېزىپ يۈرگۈچى، سەيياھ؛ دەھرى ۋانى - بەش كۈنلۈك دۇنيا. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: ئەمدى قىلاي بۇ دەھرى فەنادىن ھېكايەتى، ھەمە ئالەم ئەھلىدىن ئەيلەي رىۋايەتى. (سەبۇرى)
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت، زامان، دەۋر؛ ئالەم.
دۈشمەننى بۇ دەھر زەربەردەست قىلۇر، نەخۋەت مەيىدىن بىرنەچچە كۈن مەست قىلۇر. غەم يېمەكى، يەتكۈزسە باشنى كۆككە، ئاخىر يەنە يەر كەبى ئۇنى پەس قىلۇر.