Chinese→Uyghur主要词典
德黑兰政变
دۇنيا تارىخى
تېھران سىياسىي ئۆزگىرىشى
9051 - 1911 - يىللىرىدىكى ئىران بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش. ئىنقىلابنىڭ دسلەپكى مەزگىلىدە ھۆكۈمران سىنىپ ئاساسىي قانۇن (1906 - يىلى) ۋە تۈپ قانۇننىڭ تولۇقلىما ماددىلىرى (1907 - يىلى) نى ماقۇللاشقا، پارلامېنتنىڭ دۆلەتتىكى ئورنىنى بەلگىلەپ، پادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى زور دەرىجىدە چەكلەشكە مەجبۇر بولغان. پادىشاھ مۇھەممەت ئەلى (9061 - 1909 تەختتە ئولتۇرغان) سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان. 1908-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى پادىشاھ تېھراندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈشنى جاكارلىغان. ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە پادىشاھنىڭ ئارمىيىسى پارلامېنت بىناسىنى توپقا تۇتقان، پارلامېنت ئەزالىرى ھەدەپ تۇتقان ۋە ئۆلتۈرگەن. پادىشاھ پارلامېنت ۋە ئەنجۈمەننى تارقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەت ئىشلىرى ۋەكىللىرى يىغىنى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش كەينى - كەينىدىن يۈز بەرگەن.