Chinese→Uyghur主要词典
德国十一月革命
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە نويابىر ئىنقىلابىي
1918 - 1919 - يىللاردىكى گېرمانىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا گېرمانىيە ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك گۇمران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان. روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، ئاممىنىڭ ئۇرۇشقا قارشى ئىنقلابىي ھەرىكىتى يۈكسىلىپ كەتكەن. 1918 - يىلى 10 - ئايدا، گېرمانىيە كورۇلى ۋىليام Ⅱ <پارلامېنت مەسئۇلىيەت تۈزۈمى> نى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، شاھزادە ماركس بادىننى ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، سوتسىيال دېموكراتلار قاتناشقان ئىچكى كابېنتنى تەشكىل قىلغان. بىراق ۋەزىيەتنى يۇمشىتالمىغان. 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى گىر پورتىدىكى ماتروسلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بۇ قوزغىلاڭ تېزلا پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭىيىپ، ھەرقايسى جايلاردا ئىشچىلار - ئەسكەرلەر سوۋېتلىرى كەينى - كەينىدىن قۇرۇلغان. 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېرلىن قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ، گېرمانىيە كورۇلى قېچىپ كەتكەن، پادىشاھلىق تۈزغم ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭچى رەھبىرى گېرمانىيىنى <دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت> دەپ جاكارلاپ، ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۋالغان. كارل لىنكنېخت باشچىلىقىدىكى سپارتاك ئىتتىپاقى گېرمانىيەنىڭ <سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەت> ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئاممىنى ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. ئارقىدىن ئوڭچىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئېبېرت ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بەزى دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى ئېلى بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. لېكىن گېرمانىيە ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابى بىلەن مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى تۇسۇماقچى بولغان. سپارتاك ئىتتىپاقى ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان. 1919 - يىلى 1 - ئايدا، بېرلىن ئىشچىلىرى ئىش تاشلىغان ۋە نامايىش قىلغان. ئارمىيە سىياسىي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوڭچىل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيسىدىكى نوسىك ئۇنى زورلۇق بىلەن باستۇرغان. 15 - كۈنى گېرمانىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كارل لىبكنېخت ۋە ليۇكسىمبۇرگنى قولغا ئالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. 2 - ئايدا ھۆكۈمەت ۋېيماردا مىللىي ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئېبېرت گېرمانىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان. لېكىن ئىنقىلابىي كۈرەش جايلاردا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلغان. 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ميۇنخېندا باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ھۆكۈمەت ئارمىيسى قانلىق باستۇرۇپ، 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغان. كىل ماتروسىلىرىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن باۋارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرز بولغانغا قەدەر، ئىنقىلاب يېرىم يىل داۋاملىشىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان. گېرمانىيە ئىشچىلار سىنىپى چېنىقتۇرۇلغان، سوۋېت روسىيىسىگە مەدەت بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنقىلاب بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياۋرۇپا ئىنقىلابىي دولقۇنىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان.