Chinese→Uyghur主要词典
德富苏峰
دۇنيا تارىخى
توكۇتومى سومىنې
(1863-1957) ياپونىيە ئوبزورچىسى. ئەسلى ئىسمى ئىچىرو. كومامۇتو ناھىيسىدىن. ياشلىق دەۋرىدە كومامۇتو مەكتىپىدە ئوقۇغان.كېيىن كيوتودىكى يولداشلار جەمئىيىتىگە كىرىپ ئوقۇغان.ئۆز يۇرتىدا داجياڭ خۇسۇسىي مەكتىپىنى ئاچقان.ئىلگىرى كېيىن بولۇپ دېموكراتىك دوستلۇق جەمئىيىتىنى قۇرغان،<خەلق دوستى> ۋە <خەلق خەۋەرلىرى> نى چىقىرىپ، خەلقچىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، ۋاسسال مىلىتارىستلارنىڭ سىياسىتىگە ھۇجۇم قىلغان. 1894-يىلدىكى جۇڭگۇ ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى داۋامىدا ئۇرۇشنى تەرغىپ قىلىپ،<بۈيۈك ياپونىيىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى>نى بېسىپ تارقاتقان، كېيىن دۆلەتپەرەسلىك مەيدانىغا ئۆتكەن. مىلىتارىست كېئىتاروغايېقىنلىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى تاشقى سىياسەتلىرىنى قوللىغان. 1911-يىلى ئاقسۆڭەكلەرپالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1918-يىلىدىن باشلاپ <ياپونىيىنىڭ يېقىنقى زامان خەلق تارىخى> نى يېزىشقا كىرىشكەن (1952-يىلى بۇنى پۈتتۈرگەن). 1929-يىلى خەلق خەۋەرلىرى جەمئىيىتىدىن چىقىپ كەتكەن. <18-سېنتەبر> ۋە قەسىدىن كېيىن ئامىتە بلەن يېقىن تىل بىرىكتۈرگەن. 1942-يىلى بۈيۈك ياپونىيە سۆز مۇنبىرى گېزىتى ۋە ياپونىيە ئەدەبىياتى گېزىتى بويىچە مەملىكەتلىك كېڭىشىنىڭ باشلىقى بولغان. ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىدىن كېيىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىبلەنگەن. ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن يەنىلا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھاياتىدا 300 نەچچە پارچە كىتاب يازغان.