Chinese→Uyghur主要词典
德芬古城
دۇنيا تارىخى
دۋىن قەدىمكى شەھىرى
كاپكازنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تۆمۈر قورال ئىتتىپاقى ئەرمېنېيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارتاشات رايونىدىكى يۇقىرى ئارتاشات كەنتىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅳ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قۇرۇلغان. Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەرگە بارغاندا سودا ۋە قول سانائەت مەركىزى بولۇپ قالغان. 1236-يىلى تۈركلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدا ۋەيران قىلىنغان. 7193-يىلى قېزىشقا كىرىشكەن. يۇقىرى شەھەردە Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅢ ئەسىرگىچە ئۆتكەن ئەرمەنىستان ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئوردا خارابىسى قېزىپ چىقىلغان. ئۇنىڭ تېگىدە تەخمىنەن 8 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا Ⅴ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا سېلىنغان ئوردا قۇرۇلۇشىنىڭ خاربىسى قېزىپ چىقىلغان. شەھەرنىڭ مەركىزىي رايونىدا كۆلىمى 58×26 مېتىر كېلىدىغان چوڭ چېركاۋ، يەنى كاتولىس سارىيى، بىر قىسىم سېپىل ۋە شەھەر دەرۋازىسى، سۇ تۇرۇبىلىرى، تۆمۈرچىلىك كارخانىسى، ئامبار، ھاراق گەمىسى قاتارلىقلار تېپىلغان. يۇقىرى شەھەر بىلەن تۆۋەن شەھەردە يەنە تۇرار جاي، ساپالچىلىق ئۇستىخانىسى، توقۇمىچىلىق ئۇستىخانىسى، زىبۇزىننەت ئۇستىخانىسى، توقۇمىچىلىق ئۇستىخانىسى ۋە مۇنچا قاتارلىقلار تېىلغان. شۇنىڭدەك نۇرغۇن تۆمۈر قوراللار تېپىلغان.