Chinese→Uyghur主要词典
德川家茂
دۇنيا تارىخى
توكوگاۋا ئېموچى
(1846 - 1866) ياپونىيە توكوگاۋا شوگونلىقنىڭ 14 - ئەۋلاد سىياگۇنى. 1849 - يىلى كىئې ۋاسسال بېگى بولغان. 1858 - يىلى توكوگاۋا ئېسادا (1824 -1858) دىن كېيىن سىياگۇن بولغان (ئۆز ئىسمىنى ئېموچى قىلىپ ئۆزگەرتكەن). 1862 - يىلى تېننو تاكائاكىنىڭ سىڭلىسى كازۇمىيانى ئالغان. 1863 - 1865 - يىللىرى كيۇتوغا ئۈچ قېتىم بېرىپ، ئوردىنىڭ ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ، شوگناتنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلغان. شوگنات ناگاسا ۋاسساللىقىغا قارشى ئىككىنچى جازا يۈرۈشى قىلغان چاغدا ئوساكادا كېسەل بىلەن ئۆلگەن.