Chinese→Uyghur主要词典
德菜塞
دۇنيا تارىخى
درايزېر
(1871-1945)ئامېرىكىلىق يازغۇچى،ئىندىئانا شىتاتىدىكى گېرمانىيىلىك كۆچمەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق دەۋرىدە بالا ئىشچى بولغان، ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۆگەنگەن. چىكاگودا شىركەتنىڭ پۇل يىغقۇچىسى بولغان. 1892-1895-يىللىرى مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1895-يىلدىن كېيىن نيۇيوركتا ئولتۇراقلىشىپ يېزىقچىلىق ۋەژورنال تەھرىرلىكى بىلەن شوغۇللانغان. 1900-يىلى<سىڭلىم جارى>دىگەن ئەسەرنى ئېلان قىلىش بىلەن نامى چىققان. ئامېرىكا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان، ئىشچىلار ھەرىكىتىگىمۇ قاتناشقان. 30-يىللاردىكى ئىقتىسادى كرزىس مەزگىلىدە كانچىلار ئارسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ<خارران كانھىلىرىنىڭ سۆزى>نى يېزىپ چىققان ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا فاشىستلارغا قارشى كۈرەشكە ئاكتىپ قاتناشقان. 1945-يىلى ئامېرىكا كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. ئۇنىڭ بالدۇرقى ئەسەرلىرى ناتۇرالىزىملىق تۈس ئالغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ۋە ئىجادىيىتىگە ئىجابى تەسىر كۆرسەتكەن. 1927-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا زىيارىتتە بولغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى سۆزلەر جانلىق، ساددا . روھى، ھالەت جەھەتتىكى تەھلىل جايىدا. ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن<ئامېرىكا پاجىئەسى>، <ئۈمىد>ترولوگىيىسى،<پۇل مۇئامىلىشۇناس>،<گىگانت ئادەم>، <سىدوگا>،<قورغان>،<جىننى قىز>،<تالانت>قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ نۇرغۇن ھېكايىلەرنى يازغان.