Chinese→Uyghur主要词典
德奥关税同盟
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيە - ئاۋسترىيە چېگرا بېجى ئىتتىپاقى
گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە چېگرا بېجىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نامىدا قۇرغان ئىقتىسادىي ئىتتىپاق. گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە ھۆكۈمەتلىرى 1931 - يىل 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ۋېنادا <ئاۋسترىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ چېگرا بېجى تۈزۈمىنى بىر تۇتاش بەلگىلەش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامە> نى ئىمزالىغان. ئۇنىڭدا چېگرا بېجىنى ئېلىپ تاشلاش، ئىككى دۆلەت مال ئالماشتۇرغاندا بىر - بىرىدىن ھېچقانداق ئىمپورت - ئېكسپورت بېجىنى ئالماسلىق، ئىككى دۆلەت بىرلىكتە بىرلىككە كەلگەن چېگرا بېجى قانۇنىنى تۈزۈش ۋە بىردەك باج نىسبىتىنى كېڭىشىش بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ ماھىيىتى شەرتنامە ئارقىلىق گېرمانىيە - ئاۋسترىيە چېگرا بېجى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم. فرانسىيە مەزكۇر چېگرا بېجى كېلىشىمنامىسىگە قەتئىي قارشى تۇرغان. 1931 - يىل 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى گراۋېناگې خەلقئار اكېسىم سوت مەھكىمىسى چېگرا بېجى ئىتتىپاقىنىڭ <سان گېرمانىيە سۈلھ شەرتنامىسى> دىكى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇشىنى مەنئىي قىلىش ۋە 1922 - يىل 10 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىكى <جەنۋە كېلىشىمى> دىكى گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى قۇرۇشىغا يول قويماسلىق توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، يەنى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى گېرمانىيە - ئاۋسترىيە ھۆكۈمەتلىرى خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت چېگرا بېجى ئىتتىپاقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبور بولغان. لېكىن گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ قوشۇلۇش ھەرىكىتى شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغان.