Chinese→Uyghur主要词典
大政翼赞会
دۇنيا تارىخى
چوڭ - چوڭ سىياسەتلەر بويىچە مەسلىھەت بېرىش كېڭىشى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيەنىڭ كونوئې فومىمارا ئىچكى كابىنېتى <يېڭى تۈزۈلمە ھەرىكىتى> نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرغان فاشىست سىياسىي تەشكىلات. بۇ تەشكىلات 1940 - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلغان. باش ۋەزىر لىدىرلىقىنى، ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە باشلىقلىرى ياچېيكا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ھەمدە مەركەز ۋە جايلاردا ئىتالىيىنىڭ فاشىستىك كەسەبە ۋەكىللەر كېڭىشىنى دوراپ، <چوڭ - سىياسىي مەسلىھەت بېرىش كېلىشىمى جەمئىيىتى> قۇرغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى لىدىر ۋە ياچېيكا باشلىقلىرى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ مىللىي روھىنى ئومۇمىي سەپەرۋەر قىلىپ، مىلىتارىزلىق تۈزۈلمىنى كۈچەيتىشكە پائال ھەمكارلاشقان. 1945 - يىل 6 - ئايدا تارقىتىۋېتىلگەن.