Chinese→Uyghur主要词典
大越史记全书
دۇنيا تارىخى
بۈيۈك ۋيېتنام تارىخى قامۇسى
ۋىيتنامنىڭ قەدىمكى تارىخىي كىتابى (خەنزۇچە). 1455-يىلى پەن فۇشيەن لى رېنزۇڭنىڭ يارلىقى بويىچە <بۈيۈك ۋېيتنام تارىخىي خاتىرىسى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە كىرىشىپ، چېن تەيزۇڭ (1225-يىلى) دەۋرىدىن باشلاپ مىڭ سۇلالىسى ھىندىچىنىدىن ۋاز كەچكەنگە(1427-يىلى) قەدەر يېزىلغان. جەمئىي ئون توم بولۇپ، <تارىخىي خاتىرىلەرنىڭ داۋامى>دەپ ئاتالغان، لى شىڭزۇڭ دەۋرىدە يەنە ۋو شىلەننى قايتا تۈزۈشكە بۇيرۇغان. 1479-يىلى تۈزۈلۈپ بولۇپ، ئۇنىڭغا <بۈيۈك ۋېيتنام تارىخىي قامۇسى> دەپ نام بېرىلگەن. مەزكۇر قامۇس ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: ئالدىنقى بەش جىلددا خانلىقتىن ئىلگىرىكى ئىشلار، يەنى رىۋايەتتىكى خۇڭپاڭ دىگەن كىشىدىن تارتىپ 12 بەگلكنى يوقاتقانغا قەدەر بولغان ئۆتكەن ئىشلارخاتىرىلەنگەن؛ كېيىنكى توققۇز جىلددا خانلار تەزكىرىسى، يەنى پادىشاھ شيەن (قەبىلە باشلىقى 968-يىلى )دىن لى تەيزۇ (1428-يىلى) غا قەدەر بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر خاتىرلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر جىلدا <لى تەيزۇ ھەققىدە خاتىرە> بار بولۇپ، جەمئىي 51ىلد. 1665-يىلى فەن گۇڭجۇ ئۇنى داۋاملىق تۈزۈتۈپ، <خانپادىشاھلارنىڭ تەرجىمىھالى>دىن بەش جىلد قوشقان. ئۇنىڭدا لى تەيزۇڭ (4143-يىلى)دىن پادىشاھ لى گۇڭ ۋە مو سۇلالىسىنىڭ بىرىنچى يىلى (1532-يىلى)غا قەدەر بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر يېزىلغان؛ <خان پادىشاھلارنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ داۋامى>دىن ئۈچ جىلد بولۇپ، ئۇنىڭدا لى جۇاڭزۇڭ (1533-يىلى)دىن لى شېنزوڭ (1662-يىلى)غا قەدەر بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر يېزىلغان. 1697-يىلى لى شى بىر جىلدلىق <داۋامىنىڭ تولۇقلىمىسى>نى تۈزۈپ چىقىپ، ئۇنىڭدا 1662-يىلدىن 1675-يىلغىچە بولۇپ ئۆتكەن لى شۈەنزۇڭ بىلەن لى جيازۇڭ سۇلالىلىرىنىڭ ئىشلىرى يېزىلغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ قامۇس پۈتكەن. بۇ قامۇس جەمئىي 24 جىلد، يىلنامە شەكلىدە ھەمدە جۇڭگولۇق سىماچيەننىڭ <تارىخنامە> گە تەقلىد قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، ۋەقە بايان قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتورنىڭ مۇلاھىزىسى قوشۇلغان. ۋيېتنامنىڭ ھازىر ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم قەدىمىي تارىخىي ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.