Chinese→Uyghur主要词典
大宪章
دۇنيا تارىخى
بۈيۈك ئاساسىي نىزام
<ئەركىنلىك ئاساسىدىكى بۈيۈك ئاساسىي نىزام> دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنگىلىيىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تەھدىت سېلىپ مەجبورلىشى بىلەن ئەنگىلىيە كورۇلى جۈن (يەرسىز) 1215-يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى (19-كۈنى دىگۈچىلەرمۇ بار) رۇننىمېدې (ھازىرقى لوندوننىڭ غەربىگە تەخمىنەن 32 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي)دىكى ئوتلاقتا ئىمزالىغان ھۆججەت. بۇ ھۆججەت لاتىنچە يېزىلغان بولۇپ، جەمئىي 63 ماددىلىق. ماددا ئۇنىڭ كۆپىنچە ماددىلىرىدا ئاقسۆڭەكلەر ۋە مىسسىئونېرلارنىڭ ھوقۇقى قوغدالغان. ئاساسىي مەزمونى مۇنداق: 1. چېركاۋنىڭ دىنىي خادىملارنى سايلاش ئەركىنلىكىنى قوغداش؛ 2. ئاقسۆڭەكلەر ۋە رىتسارلارنىڭ سۇيۇرغالغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقوقىنى قوغداش، كورۇل نىزامىغا خىلابەن سۇيۇرغالغا ۋارىسلىق بېجىنى ئېلىشقا بولمايدۇ؛ 3. كورۇل ئاقسۆڭەكلەر، مىسسىئونېرلار ۋە رىتسارلاردىن تەركىب تاپقان < پادىشاھلىق چوڭ كېڭىشى>نىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۆزىگە بىۋاستە قاراشلىق بېقىندىلاردىن ياردەم پۇلى ۋە قالغان پۇلىنى يىغىۋېلىشقا بولمايدۇ؛ 4. كورۇلنىڭ فېئوداللار سوتىنىڭ ئەدلىيەسوت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئارىلىشىۋالىدىغان ھوقوقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ 5. كورۇل ئوخشاش دەرىجىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ، ھەرقانداق ھۈر كىشىلەرنى ئۆز خالىغانچە قولغا ئېلىشقا ياكى ئۇلارنىڭ مال مۈلكىنى مۇسادىر قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئاز ساندىكى ماددىلار شەھەرلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. مەسىلەن، شەھەرنىڭ بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھوقوقىنى ئېتىراپ قىلىش، سودا ئەركىنلىكىنى قوغداش، ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە باشقىلار. كورۇل بۇنىڭغان خىلاپلىق قىلسا، 25 ئاقسۆڭەكتىن تەركىب تاپقان ھەيئەت كورۇلغا قورال كۈچى ئىشلىتىش ھوقوقىغا ئىگە. ھېنرى Ⅲ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، 1612-،1217-ۋە 1225-يىللاردا ئۇدا بۈيۈك ئاساسىي نىزام ئېلان قىلغان. ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، بۇرژۇئازىيە ئۇنىڭغا يېڭىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنى بۇرژۇئاچە قانۇن چىقىرىش ئاساسلىرىنىڭ بىرى قىلىۋالغان.
قانۇن
dà xiàn zhāng
بۈيۈك نىزامنامەDئۇنىۋېرسال
dà xiàn zhāng
چوڭ خارتىيە