Uyghur主要词典
داۋالغۇماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇ، دەل - دەرەخ قاتارلىقلار سىرتقى ياكى ئىچكى كۈچنىڭ تەسىرىدىن چايقالماق، ئىرغاڭلىماق، لىڭشىماق، تەۋرەنمەك.
نىجاتنىڭ قولىدا بىر رومكا قىزىل ھاراق داۋالغۇپ تۇراتتى.
ئادەملەر توپى تەۋرەنمەك.
ئادەملەر خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك بىر ئۇيانغا - بىر بۇيانغا داۋالغۇشقا باشلىدى.
مەلۇم نەرسىنىڭ ساداسى ھاۋادا ياڭرىماق، ھاۋانى تىترەتمەك.
ھۇررا سادالىرى دولقۇنسىمان داۋالغۇپ پەلەكلەردە پەرۋاز قىلاتتى.
مەلۇم نەرسىنىڭ ساداسى ھاۋادا ياڭرىماق، ھاۋانى تىترەتمەك.
ھۇررا سادالىرى دولقۇنسىمان داۋالغۇپ پەلەكلەردە پەرۋاز قىلاتتى.
كۆچمە. تەشۋىش، خۇشاللىق، ھاياجان ۋە باشقا پسىخىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھېسسىيات، روھىي كەيپىياتلار تىنچسىزلانماق، دولقۇنلىماق، ئۇرغۇماق.
جەننەتنىڭ سۆزىنىڭ تەسىرىدىن ئۇنىڭ تىنچسىز كۆڭلى داۋالغۇشقا باشلىدى.
تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغانلىقتىن ئىرغاڭلىماق، دەلدەڭشىمەك.
ئۇ ئىككى قولىنى سوزۇپ ئالدىغا بىر قەدەم باستى - دە، داۋالغۇپ يىقىلدى.
ئىجتىمائىي كەيپىيات تۇراقسىزلانماق، ئۆزگىرىپ تۇرماق، تىنچسىزلانماق، تەۋرەنمەك.
بۇ ئادەمنىڭ جياڭجۈنلىك تەختىگە مىنگەن كۈنلىرى شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ قاتتىق داۋالغۇپ تۇرغان پەيتىگە توغرا كەلدى.
لىغىرلىماق، مۆلدۈرلىمەك.
ئۇ ناخشىنى ياخشى ئېيتتى، قايناق مۇھەببەت قەلبىدە جۇشقۇنلاپ، كۆز چاناقلىرىدا ئىسسىق ياش داۋالغۇدى.