Uyghur主要词典
داستانچىلىق
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەلنەغمىچىلىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئۇزاق تارىخقا ئىگە داستانچىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت تۈرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
داستانچىلىق لىرو - لېپىك ئەسەرلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. داستانچىىقتا، ھەمىشە، شېئىر قىسمى مۇزىكىغا سېلىنىپ ناخشا قىلىپ ئوقۇلىدىغان، ئېپىك قىسمى ۋەزخانلىق يولى بىلەن ئىنتوڭناتسىيىلىك ئېيتىلىدىغان جانلىق ئۇسۇل بار. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ <غېرىپ - سەنەم>، <تاھىر - زوھرا>، <يۈسۈپ - زۇلەيخا> قاتارلىق داستانلىرى ئەنە شۇنداق داستانچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق نەچچە ئەسىرلەرنى ئاتلاپ تا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
داستان ئېيتىش، داستان سۆزلەش ئىشى.
تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق قوشاقچىلىق. داستانچىلىق ئەنئەنىسى ھېلىمۇ كەڭ داۋام قىلماقتا.
داستان يېزىش پائالىيىتى.
<قۇتادغۇبىلىك> داستانى ئايرىم تۆتلىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەرق داستانچىلىقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان.