Uyghur←Chinese主要词典
دارىئۇس
دۇنيا تارىخى
大流士
dà liú shì
(1) دارىئۇس Ⅰ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 558 - 486). قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 522 - 486) ھىيتاسپېسنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاخمېنىدلارغا مەنسۇپ. مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشىنى ۋە جايلاردا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن (ئۇنىڭ جەريانى بېخستۇن قىيا تېشىغا ئويۇلغان). ھەربىي كېڭەيمچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان. مىلادىدىن 518 يىل ئىلگىرى ھىندى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى بويسۇندۇرغان. ئىككىنچى يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرگە ھۇجۇم قىلغان، مىلادىدىن 513 يىل ئىلگىرى، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى سىكتايلارغا قارشى يۈرۈش قىلىپ (يېڭىلىپ) خېللېسپون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تىراكىيىنى ئالغان. ئۇنىڭ زېمىن دائىرىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن غەربتە كىچىك ئاسىيا بويلىرىغىچە، جەنۇبتا مىسىر (نىل دەرياسىنىڭ 1-شارقىراتىمىسى) دىن شىمالدا ياۋروپادىكى سىراگىيىگىچە كېڭەيتىلىپ، غايەت زور ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن ئىسلاھاتنى يولغا قويغان، مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى ئايرىپ، باش ۋالىي تەسىس قىلىپ، دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتكەن؛ دائىمىي ئارمىيە قۇرۇپ، ھەربىي رايونلارنى تەسىس قىلغان، ئارمىيە بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىغان. دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئولپان مىقاىرنى بەلگىلەپ، باجنى كۆتۈرە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پادىشاھتا دارىك (تىللا) قۇيىدىغان ئىمتىياز بولىدۇ دەپ بەلگىلىگەن. خان يولى ياساپ، جام - راباتلارنى تەسىس قىلىپ، قوشۇن يۆتكەش ۋە مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئىشلىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرغان. زورو ئاستېر دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن. بۇ تەدبىرلەر پېرسىيە ئىمېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. مىلادىدىن ئىلگرى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى قوزغالغان. مارافون ئۇرۇشى (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى) دا مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى شېرشېس Ⅰ گرېتسىيىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلغان. دارىئۇس Ⅰ دەۋرىدە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەت تاپقان دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (2) دارئۇس (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 330). قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 336 - 330). ئەسلى ئىسمى كودوماننوس. ئەردەشېر Ⅲ (مىلادىدىن ئىلگىرى 358 - 336 تەختتە ئولتۇرغان) ھەرەمئاغىسى باگوئاس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن ېيىن تەختكە ئولتۇرغان ۋە ھەرەمئاغىسىنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن 335 يىل ئىلگىرى مىسىرنى يېڭىۋاشتىن بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى ئىسسوس ئۇرۇشىدا ماكېدونىيە ئالېكساندر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئەسىرگە ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن قوشۇننى يېڭىۋاشتىن تەرتىپكە سالغان. مىلادىدىن 331 ئىلگىرى گائۇگامېلا دېگەن جايدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغان. ئۇ مېدىياغا قاچقاندا، باكترىيىنىڭ باش ۋالىيىسى بېسسوس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن؛ قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولغان (مىلادىدىن 330 يىل ئىلگىرى)