Uyghur←Chinese主要词典
دارلان
دۇنيا تارىخى
达尔朗
dá ěr lǎng
(1881 - 1942) فاشىست گېرمانىيە ئارمىيىسى فرانسىيىنى ئىشغال قىلىۋالغان مەزگىلدە ۋىش ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1941 - 1942) بولغان. 1902 - يىلى دېڭىز ئارمىيە ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، دېڭىز ئارمىيىسىدە رېئال ئادمىرال، ۋېكې ئادمىرال ۋە ئادمىرال ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1934-يىلى ئاتلانتىك ئوكيان فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. 1936-يىلى دېڭىز ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى بولغان. 1939-يىلى 8-ئايدىن باشلاپ فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى باش قوماندانى بولغان. ئىككىچنى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، 1940-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى دېڭىز ئارمىيە مىنىستىرى بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1942-يىلى فرانسىيە قوراللىق قىسىملىرى باش قوماندانى بولغان. كېيىن ئامېرىكا تەرەپ بىلەن مەخپىي ئالاقىلەشكەن. 1942-يىلى 11-ئايدا ئالجىرىيىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى بولغان. شۇ يىلى دېكابردا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.