Chinese→Uyghur主要词典
大日本生产党
دۇنيا تارىخى
بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسى
ياپونىيىدىكى مەملىكەت خاراكتىرلىك فاشىستىك پارتىيە. بۇ پارتىيە 1931-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان. قارا ئەجدىھا جەمئىيىتى مېيتوكۇ جەمئىيىتى، <كايتېن ۋاقىت گېزىتى> ئەتراپىدىكى 19 تەشكىلات بىلەن بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان. ئۇنىڭ تايانچىلىرى ئوساكادىكى ئوتتۇراكىچىك كارخانىچىلار ۋە كونىلىقنى ساقلىغۇچىلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭغا ئوچىدا يوفېئى لېدىر، تويامامىتسۇرۇ مەسلىھەتچى بولغان. ئۇلار <بۈيۈك ياپونىيە مەسلىكى بويىچە دۆلەت پىلانىنى يولغا قويۇش>نى تەشەببۇس قىلغان. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىرقىسمى قانلىق ئىتتىپاق ۋەقەسى، <15-ماي> ۋەقەسى ۋە مەرگەن ئەسكەرلەر ئەترىتى ۋەقەسىگە قاتنىشىپ تېننو تۈزۈمىدىكى ئارمىيىنى فاشىستلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن. 1946-يىلى 1-ئايدا تارقىتىۋېتىلىپ،1954-يىلى 6-ئايدا قايتا تەشكىل قىلىنغان.