Uyghur主要词典
داردىن قاچقان
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ (1) ئۆتۈپ كەتكەن ئۇششۇق، مۇتتەھەم، جېنىدىن تويغان ئازازۇل ئادەملەرگە قارىتىلغان ئىبارە. (2) كىشىلەر نەزىرىگە ئىلمايدىغان، كېرەكسىز، ئېتىبارسىز، يارىماس، بۇزۇق ئادەم ياكى نەرسە - كېرەكلەرگە قارىتىلغان ئىبارە: - بىزگە نەدىكى داردىن قاچقان بىر نېمىلەرنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمىدىم، - دېدى مۇدىر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كىشىلەر نەزىرىگە ئىلمايدىغان، كېرەكسىز، يارىماس، بۇزۇق (ئادەم ياكى نەرسە - كېرەك ھەققىدە).
- بىزگە نەدىكى داردىن قاچقان بىرىنى ئەۋەتىپتۇ، ئۇنى قۇبۇل قىلمىدىم، - دېدى مۇدىر.