Chinese→Uyghur主要词典
单子叶植物纲
بىئولوگىيە
تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
يېپوىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى ئىككى چوڭ تۈرنىڭ بىرى. تۆرەلمىسىدە بىر تال پەللە يوپۇرمىقى بولىدۇ. غولىدىكى قاناللار باغلىمى كۆپىنچە يۇلتۇزسىمان تىزىلىدۇ. ھاسىل قىلغۇچى قەۋىتى بولمايدۇ ھەمدە ئىككىلەمچى ئۆسەلمەيدۇ؛ يوپۇرماق تومۇرى پاراللېل ياكى يايسىمان بولىدۇ، تورسىمان تومۇرلۇقلار (مەسىلەن، پىچەكگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماق تومۇرىنىڭ ئۇچى بىرلىشىپ كېتىدۇ، ئەركىن ئۇچ بولمايدۇ ۋە قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تورسىمان تومۇرىغا ئوخشىمايدۇ) ياكى پەيسىمان تومۇرلۇقلار ئازراق ئۇچرايدۇ. گۈلىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ئۈچ سانلىق بولىدۇ، ئاساسىي يىلتىزى يېتىلمەيدۇ. چاچما يىلتىزى تەرەققىي قىلىدۇ. تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايسىسى بالدۇر پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلە ئۈستىدە ئۇزۇن مەزگىل مۇنازىرە بولغان، ھازىر بىردەك تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر كېيىن پەيدا بولغان دەپ قارىلىۋاتىدۇ. تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر بىر تەبىئىي تۈركۈمگە كىرەمدۇ - كىرمەمدۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدىمۇ مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر دۆلەت ئىقتىسادىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇرلانىڭ ئىچىدىكى ئاشلىق زىرائەتلەر (مەسىلەن، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىقلار) ۋە باشقا ئىقتىسادىي زىرائەتلەر (مەسىلەن، بامبۇك تۈرىدىكىلەر، شېكەر قومۇشى، جۇڭگو پالمىسى، كوكۇس پالمىسى، پىچەكگۈل، سوغۇ گۈلى، گۈلسامساق، بانان، گاسترودىيەئوتى) بار.
ئۆسۈملۈك
dān zǐ yè zhí wù gāng
تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى