Uyghur←Chinese主要词典
دانىشمەنلەر يىغىنى
دۇنيا تارىخى
贤人会议
xián rén huì yì
مىلادى ⅤⅡ ئسىردىن ⅩⅠ ئەسىرگىچە بولغان ئەنگلىيىدىكى ئانگل - ساكسونلار دەۋرىدىكى كورۇلنىڭ مەسلىھەت ئورگىنى. 829 - يىلى سېسېسكس كورۇلى ئېكبېرت يەتتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن پۈتۈن ئەنگلىيە دانىشمەنلەر يىغىنىنى تەسىس قىلغان. يىغىنغا ئادەتتە ئەڭ نوپۇزلۇق دىنىي ۋە دەھرىي ئاقسۆڭەكلەر ھەم خان جەمەتى ئەزالىرى قاتناشقان. كورۇل يىغىننى قەرەلسىز چاقىرىپ تۇرغان، پەرمان ئېلان قىلىش، ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش، يەر ھەدىيە قىلىپ بېرىش، ئۇرۇش ئېلان قىلىش، سۈلھ تۈزۈش ۋە باج - سېلىق يىغىش قاتارلىق مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىدا يىغىننىڭ پىكىرىنى ئاڭلىغان ھەمدە ماقۇللۇقىنى ئالغان. يىغىن كورۇلنى سايلاش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. يىغىن كورۇلنى سايلاش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. نورمان ئىستېلاسىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالغان