Chinese→Uyghur主要词典
丹麦区
دۇنيا تارىخى
دانيە رايونى
مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىرلاندىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دانىيە بېسىۋالغان رايون. دانىيىلىكلەر بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىنى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىنگلىزچىدە: Danelaw، قەدىمكى ئىنگلىزچىدە: Dena Lagu دەپ ئاتىلىدۇ، مەنىسى <دانىيە قانۇنى> دېگەنلىك شۇڭلاشقا يەنە دانىيە قانۇنى رايونى دەپمۇ ئاتالغان. دانىيىلىكلەر (نورمانلىقلارنىڭ بىر بۆلىكى) ⅤⅢ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئىرلاندىيىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى تالان - تاراج قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن تۇرمىغان. كېيىن تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىپ، ئىرلاندىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدا كۆچمەنلەر رايونى قۇرغان ھەمدە داۋاملىق غەربىي جەنۇبقا ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. 878-يىلى غەربىي سائېكس كورۇلى ئالفرېد يىسىندەننى جېڭىدە دانىيىلىكلەرنى يېڭىپ، ئىككىنچى يىلى <ۋېدىمۇر سۈلھ كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ۋاتلىن چوڭ يولىدىن چېستىغىچە بىر چېگرا سىزىقى تارتىپ، چېگرا سىزىقىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىنى دانىيىلىكلەر ئىگىلەشكە كېلىشكەن. شۇنىڭ بىلەن دانىيە رايونى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەنگلىيە كورۇلى ئاسېلىستا تەختتە تۇرغان مەزگىلدە (924 - 940) دانىيە رايونىنى قايتۇرۇۋالغان. شۇ يەردىكى دانىيىلىكلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئانگىلوساكسونلارغا سېڭىپ كەتكەن. دانىيىلىكلەرنىڭ دانىيە رايونىدا يولغا قويغان ئەدلىيە تۈزۈمى ئەنگلىيىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن. ئىنگلىزچىدە قانۇن دېگەن سۆز دانىيىچىدىن كەلگەن.