Uyghur主要词典
دانىلو نىڭ باياناتنامىسى
دۇنيا تارىخى
1856 - يىلى مونتېنېگرو ھۆكۈمرانى دانىلو 1 (1851 - 1860 - يىللىرى تەختە ئولتۇرغان) دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ھۆججەت. قىرىم ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغاندا، تۈركىيە ھۈكۈمىتى مونتېنېگرونى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى دەپ جاكارلىغان. دانىلو Ⅱ تۈركىيىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، كۈچلۈك دۆلەتلەرگە باياناتنامە ئوتتۇرىغا قويۇپ، 460 يىلدىن بۇيان مونتېنېگرو ھېچقانداق كۈچلۈك دۆلەتكە تەۋە بولغان ئەمەس، مونتېنېگرو خەلقى تۆت يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تۈركىيىلىكلەرگە ئۈزۈلدۈرمەي قارشى تۇرۇپ كەلدى، دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلغان: (1) مونتېنېگرونىڭ مۇستەقىللىكىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش؛ (2) چېگرىنى ئالبانىيە ۋە گېرتسېگوۋىنا تەرەپكە قارىتىپ كېڭەيتىپ بېرىش؛ (3) تۈركىيە بىلەن مونتېنېگرونىڭ چېگرىسىنى مۇۋاپىق بەلگىلەپ چىقىش؛ (4) بارنى مونتېنېگروغا قوشۇۋېلىپ، ئۇنى دېڭىزغا چىقىش ئېغىزى قىلىش، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مونتېنېگروغا بولغان مىتىروپولىيە ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھېسابىغا، ئۇنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، لېكىن باياناتنامىدىكى تەلەپلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان.