Uyghur←Chinese主要词典
دانىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
丹麦战争
dān mài zhàn zhēng
186 - يىلدىكى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ دانىيىگە قارشى ئۇرۇشى. 1863 - يىل 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دانىيە پادىشاھلىقى <نويابىر نىزامى> نى ئېلان قىلىپ، 1852 - يىلدىكى لوندون كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا سچلېسۋىگ - ھولستېين ۋە لوئېنبىرگ قاتارلىق جايلارنى دانىيىگە قوشۇۋېلىپ، يەرلىك گېرمان ئاھالىسىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. پرۇسسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ كۆپچىلىكى گېرمانلار دېگەننى باھانە قىلىپ، 1864-يىلى 1-ئايدا ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىشىپ دانىيىگە ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، 48 سائەت ئىچىدە يېڭى نىزامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغاندا دانىيىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش پارتلىغان. 4-ئاينىڭ 18-كۈنى دۈپپىل جېڭىدە دانىيە قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئەنگلىيىنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشقا تەكلىپ قىلغان. 10-ئاينىڭ 30-كۈنى <ۋېنا سۈلھ كېلىشىمى> ئىمزالىنىپ، دانىيە سچلېسۋگ - ھولستېين ۋە لوئېنبىرگقا بولغان بارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ بىسماركنىڭ خاندانلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق گېرمانىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇپ قالغان.