Chinese→Uyghur主要词典
丹东
دۇنيا تارىخى
دانتون
(1759 - 1794) فرانسىيە بۇرژئا ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئاركىس - سۇر - ئابېدا تۇغۇلغان. دادىسى تەپتىش ئەمەلدارى. تىرويېس دىنى مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1780 - يىلى پارىژغا كەلگەن. 1787-يىلى زوراغاىق مەھكىمىسىدە ئادۋوكات بولغان. 1789-يىلدىكى ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كوردېلىر كۇلۇبىنى قۇرغان بولسىمۇ، كېيىن ياكوبىنچىلار كولۇبىغا قاتناشقان. ئۇ بەس - مۇنازىرىچى بولغاچقا <ئادىدي خەلقنىڭ ناتىقى> دەپ نام ئالغان. 1791-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنى مارس مەيدانىدا قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، بىر مەزگىل ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. 12-ئايدا پارىژ كوممۇنىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىش بولۇپ ايلانغان. 1792 - يىلى 10-ئاۋغۇست قوزغىلىڭىدىن كېيىن گروندىچىلار ئىچكى كابىنېتىدا ئەدلىيە مىنىستىرى بولغان. 9-ئايدا تاشقى دۈشمەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن جىددىي پەيتتە، گروندىچىلارنىڭ پايتەختنى كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، <دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن، بىز باتۇر بولۇشىمىز لازىم، باتۇر، يەنىمۇ باتۇر بولغاندىلا فرانسىيە چوقۇم قۇتقۇزۇۋېلىنىدۇ> دېگەن مەشھۇر نۇتقىنى ئېلان قىلغان. شۇ ئايدا پارىژ ۋەكىلى سۈپىتىدە مىللىي ئۇيۇشمىغا سايلىنىپ، پادىشاھنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا قوشۇلۇپ ئاۋاز بەرگەن. دەسلەپتە گروندىچىلار بىلەن مونتاگناردچىلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. 1793-يىلى 4-ئايدىن 7-ئايغىچە ئۆزى تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىغا رەھبەر بولغان. 7-ئايدا روبېس پېررې ۋەتەن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن ۋە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچراپ، بىر مەزگىل سىياسىي سەھنىدىن ئايرىلغان. 11-ئايدا يەنە مىللىي ئۇيۇشمىغا قايتىپ كېلىپ، چوڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دىسمولين قاتارلىق كىشىلەر بىلەن روبېس پېررېنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىگە قارشى چىققان. 1794-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.