Uyghur←Chinese主要词典
دانى دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
大泥国
dà ní guó
پاتتاخى، تەينى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مالاي يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەتنىڭ نامى. بۈگۈنكى تايلاندنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى پاتتانى رايونىغا جايلاشقان. دانى ئۇنىڭ ئۆلكە نامى. يېقىنقى كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ئۇ ئەسلى لااڭياسيو دۆلىتىنىڭ كونا ئورنى ئىكەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆججەت - ماتېرىياللىرىدا ئۇ كۆپ ھاللاردا بورنېئو دۆلىتى (ئۇنىڭ كونا ئورنى بۈگۈنكى كالىمانتاننىڭ شىمالىي قىسمىدا) بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن.