Uyghur主要词典
دان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئۇرۇق، دان:
يەمچۈك، دان:
گۈزەللەر يۈزىدىكى خال:
1. ئۈنەرمۇ دان ئەگەر نەم ئولماسا يەر،
چۈمۈپ دان بىخ ئۇرۇپ بەس كۆرسەتۇر سەر.
خىرقەتى.
2. چوقۇپ بۇ مۇرغ ئول داننى تۇتۇلىد،
تۇتۇپ بەند ئەتتىلەر قايدىن قۇتۇلدى.
خىرقەتى.
3. مۇرغى تاۋۇقتەك ئېرۇرمەن چۇن سېنىڭ ئىشقىڭدا كىم،
بۇ غەرەزدىن تىلىنۇرمەن ئاي يۈزۈڭدە دان كۆرۈپ.
موللا بىلال.
سۆزلەرگە قوشۇلۇپ بىلگۈچى مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
سۆز بىرىكمىسىدە بىلگۈچى، مەنىسىدە كېلىدۇ: بىسياردان - كۆپ بىلگۈچى؛ خۇردە دان - ئۇششاق ۋە نازۇك نەرسىلەرنى بىلگۈچى؛ سۇخەندان - سۆزمەن، سۆزگە ئۇستا؛ تارىخدان - تارىخشۇناس؛ نادان - بىلىمسىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھايۋانلار، ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق.
<ھەلەپ> سامانغا كېپەك ئارىلاشتۇرۇلغىنى.
<پوم> تۆگە ئوزۇقى، قوناق ئونىدىن قىلىنىدۇ.
قۇشنى يەم ئالدايدۇ، ئادەمنى گەپ. ئاتنى قامچا بىلەن ھەيدىگۈچە، يەم بىلەن ھەيدە. بوغۇزنى پۈتۈن يېسە، ئايىغىدىن تۈتۈن چىقار. قالماق ئېتى بوغۇز يېمەس، بوغۇز يېسە توۋار تېشەر. ئىنەكنىڭ سۈتى يېلىنىدە ئەمەس، ھەلەپتە. تۆگىنى پوم باقىدۇ. پومنى تۆگە كۆتۈرىدۇ. يەم - خەشەك تەق بولسا، مال تەل بولىدۇ. قۇش قانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ دېنىنى يەردىن يەر. دان ئۈچۈن، تاجىدار خوراز بېشىنى يەرگە ئېگىدۇ. ھايۋانات باغچىسىدا شىرغا ئەس بەردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بۇغداي، قوناق قاتارلىق باشاقلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق، ماش قاتارلىق چوكا مېۋىلىك زىرائەتلەر ھوسۇلىنىڭ دانىسى.
بۇغداي دېنى. ئارپا دېنى. دان ئالماق.
ئاشلىق.
ئامبارلار دانغا لىق تولدى.
ئۇچار قاناتلارغا بېرىلىدىغان ئوزۇق.
توخۇ دېنى. كەكلىك دېنى.