Chinese→Uyghur主要词典
大陆会议
دۇنيا تارىخى
چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى
ئەنگلىيىگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكە ۋەكىللىرى كېڭىشى، مۇستەقىللىك ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئىنقىلابىي رەھبەرلىك ئورگان. 1774-يىلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكە خەلقلىرى ئالاقىلىشىش كومىتېتىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا <زورلۇق پەرمانى> غا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزئارا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، 1774-يىل 9-ئاينىڭ 5-كۈنى فىلادىلفىيىدە 1-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى چاقىرىلىپ، ئەنگلىيىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان؛ ئەنگلىيە بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش توغرىسىكىد قارار ماقۇللانغان. <ھوقۇق خىتابنامىسى> قاتارلىقلارنى تۈزگەن. لېكىن مۇستەقىللىك تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. 1775-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، لېكسىنگتوندا ئەنگلىيەقارشى قوراللىق كۈرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، فىلاندېلفىيە شەھىرىدە 2-نۆۋەتلىك چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى چاقىرىلىپ، ئەنگلىيىگە قورال كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى ماقۇللانغان؛ مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇلۇپ، ۋاشىنگتون چوڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشى شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشكىلىي شەكلىگە ئايلانغان. 1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> ماقۇللىنىپ، ئەنگلىيىدىن ئايرىلىپ، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. 1781 - يىلى <قوشما شتات نىزامى> تۈزۈلگەندىن كېيىن، چوڭ قۇرۇقلۇق كېڭىشىنىڭ ئورنىنى قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتى ئالغان.