Chinese→Uyghur主要词典
大陆封销体系
دۇنيا تارىخى
چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قامال قىلىش سىستېمىسى
ناپالېئون Ⅰ 1806 - 1812 - يىللاردا يولغا قويغان ئەنگىلىيەگە قارشى ئىقتىسادىي قامال قىلىش سىياسىتى سىستېمىسى. ناپولېئون ئەنگىلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىش پىلانىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبور بولغاندىن كېيىن، كۈچلۈك دۈشمەن ئەنگىلىيەنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىشنى قوللانغان. 1806 - يىل 11 - ئاينىڭ 21 -كۈنى، بېرلىن پەرمان ئېلان قىلىپ، برىتانىيە ئاراللىرىغا قارىتا ئىقتىسادىي قامال قىلىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ۋارشاۋاپەمانى بىلەن قونتانېبلو پەرمانىنى ئېلان قىلغان. بېرلىن پەرمان ئېلان قىلغان چاغدا، ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنغان يۈرگۈزۈش دائىرىسى فرانسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە رېين ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە ھەربىي تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتى پورتۇگالىيە، ئىسپانىيە ۋە روسىيىگە مەجبۇرىي تېڭىلىپ، پۈتكۈل ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان. قامال قىلىش سىياسىتى گەرچە ئەنگىلىيىگە ئېغىر قىيىنچىلىق تۇغدرۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت سالغۇچىلىكى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەنگىلىيىمۇ زوراغالىق مەھكىمىسىىڭ بىر يۈرۈش بۇيرۇقلىرىنى ئېلان قىلىپ، فرانسىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقچى دۆلەتلىرىگە قارشى قامال يۈرگۈزگەن. نەتىجىدە، بۇ سىياسەت فرانسىيىگە ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ زور قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان: ئىگىلىكى كاساتلىشىپ كەتكەن، ئېكسپورت ئىشى توختاپ قالغان؛ زاۋۇتلار تاقىلىپ قالغان؛ ئەتكەسچىلىك ئەۋج ئالغان. ناپولېئوننىڭ ھەربىي ئۈستۈنلۈكتىن ھەمرۇم بولۇشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىستېمىسىمۇ بەربات بولغان.