Uyghur←Chinese主要词典
داكىيە
دۇنيا تارىخى
达西亚
dá xī yà
قەدىمكى يەر نامى. تىسا،دۇناي ۋە دنېستىر دەريالىرىنىڭ ئوتتۇرىسى (كۆپ قىسمى ھازىرقى رۇمىنىيىدە) غا جايلاشقان. ئاھالىسى ئادەتتە فراكىيىلىك گېتېلار بىلەن مەنبەداش دەپ قارىلىدۇ، رىملىقلار داكىيەلىكلەر دەپ ئاتايدۇ. ئاۋگۇست تەختتىكى مەزگىلدە (مىلادىدىن 27 يىل ئىلگىرى - مىلادى 14 - يىلى) داكىيىلىكلەر دۇناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەنۇبقا بارغان بولسىمۇ، لېكىن رىملىقلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن. مىلادى Ⅰئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، رىملىقلار بىر مەھەل تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، داكىيىلىكلەرنىڭ داھىيىسى دېكىبالۇس تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، رىملىقلار ھاقارەتلىك سۈلھ شەرتنامە تۈزۈشكە مەجبور بولغان. مىلادى 101 - 106 - يىللىرى تراجانۇس ئاخىر ئالتۇن كۆپ چىقىدىغان داكىيىنى بويسۇندۇرۇپ (<داكىيە ئۇرشى>غا قاراڭ)، ئۆلكە تەسىس قىلىپ ھۆكۈمرانلىققىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ كۆپلىگەن كۆچمەنلىرى بۇ يەرگە كىرىپ، بايلىقنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلغان. رىملاشتۇرۇش جەريانىمۇ شۇنىڭدىن باشلانغان. 118 - يىلدىن كېيىن، داكىيە رىم تەرىپىدىن ئۈستۈن داكىيە (شىمالىي قىسمى) ۋە تۆۋەن داكىيە (جەنۇبىي قىسمى) گە بۆلۈۋېتىلگەن. 124 - يىلدىن كېيىن يەنە شىمالدا داكىيە - پرولىسېننى ئايرىپ چىققان. يەنى ئۈچكە بۆلۈپ ئەمەلدار ئەۋەتىپ باشقۇرغان. ئۇنىڭ مەمۇرىي مەركىزىي ئۈستۈن داكىيىدىكى سارمىزېگېتۇسادا بولغان. تەخمىنەن Ⅲ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بىربۆلەك گوتلار كىرىپ ماكانلاشقان.