Chinese→Uyghur主要词典
戴
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
dài
(داي)
Dئۇنىۋېرسال
dài
كىيمەك، تاقىماق، قادىماق، ساپماق، تارتماق
ئەزىزىلىمەك، ھۈرمەتلىمەك
دەي )فامىلە(
دۇنيا تارىخى
دىئوكلېتىيان
(تەخمىنەن 243-313)قەدىمكى رىم پادىشاھى(284-305)دالماتسىيىنىڭ سارونايې دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى تۆۋەن ئىكەن. ھەربىيدە ئىشلىگەن. پادىشاھ نومېرىئاننىڭ مۇھاپىزەتچى ئەترىتىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. مىلادى 284-يىلى نومېرىئان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن پادىشاھ قىلىپ تۇرغۇزۇلغان ۋە پادىشاھلىق تۈزۈم(دومىنات تۈزۈمى) ھۆكۈمرانلىقى رەسمىي ئورنىتىلغان. ئۇ شەرقتىكى مۇستەبىت پادىشاھلارنىڭ ئوردا مۇررسىملىرىغا تەقلىد قىلىپ ئۆز پۇقرالىرىنى ئۇنى ئىلاھ قاتارىدا كۆتۈرۈشكە بۇيرۇغان. تارىخنامىدە ئادەتتە كېيىنكى دەۋرىدىكى رىم مەزگىلىدە ھاكىمىيەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رايون بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويغان. رەسمىي پادىشاھ ئىككى بولۇپ، ئۆزى شەرقىي قىسمىنى باشقۇرغان، غەربىي قىسمىنىى ماكىسمىئان باشقۇرغان، ھەرئىككىسى<ئاۋگۇستۇس>دەپ ئاتالغان؛مۇئاۋىن پادىشاھ ئىككى بولۇپ، ئۆزىنىڭ يادەمچىسىنى گالېۋىئ، ماكسمىئاننىڭ ياردەمچىسى كونستانتىئو بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى<كائېسار>دەپ ئاتالغان. ئۇ چوڭ ھوقوقنى ئىگىلەپ نىكومېدىيە(بۇگۈنكى تۈركىيىنىڭ ئىزمىر)دە تۇرغان. ئۆلكەرايونلارنى كىچىكلىتىپ، پۈتۈن ئىمپىرىيىنى تەخمىنەن يۈز مەمورىي ئۆلكىگە(بۇنىڭدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 40 نەچچە ئۆلكە) ئايرىغان؛ ھەر قايسى مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۆلكەرايونلاردا تەخمىنەن ئوندىن 12 گىچە چوڭ مەمورى رايون قۇرۇلغان؛ ئەسكەر مەنبەلىرىنى كېڭەيتىپ رايونلاردا تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە بىلەن مەمورىيەتنى ئايرىمئايرىم باشقۇرۇشنى يولغا قويغان. باج تۈزۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، باج نىسپىتىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان بەزى ئىمتىيازلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ يەر بېج بىلەن نوپوس بېجىنى بىرگە قوشوش تۈزۈمىنى قوللانغان. يېزىلاردا يەر بېجىنىڭ بىرلىكىنى جۇگىم(بىر قانچە مو) نوپۇس بېجىنى كاپۇت بويىچە ھېسابلىغان، ئايال ئەرنىڭ يېرىمىگە باراۋەر بولغان؛شەھەردە تۈرلۈك سوداسانائەت كەسىپلىرى بويىچە ئايرىم باج بېكىتكەن، نەتىجىدە باج سوممىسى كۆپەيگەن، پۇل پاخاللىشىپ مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن، باج كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرساھە(جۇملىدىن شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ ئەزالىرىنى)كۆچۈپ يۈرۈشىنى قاتتىق مەنئى قىلغان، پۇل پاخاللىقىنى توسۇش ئۈچۈن<باھاغا چەك قويۇش پەرمانى>(301-يىلى). ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ئۈنۈمى زور بولمىغان. گاللىيە( بۈگۈنكى فرانسىيە رايونى)دا كۆتۈرۈلگەن باگاۋدا ھەرىكىتى ماكسىمان تەرىپىدىن باستۇرۇلغان( 286-يىلى). خىرىستىئان دىنىغا قارىتا باستۇرۇش تەدبىرى قوللانغان. 303-304-يىللىرى كەينىكەينىدىن پەرمان ئېلان قىلىپ، مۇرىتلارنى قوغلاپ چىقارغان ۋە ئۆلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ مالمۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلغان، لېكىن خرىستىئان دىنى توسقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە راۋاجلانغان. 305-يىلى ماكىسمئان بىلەن بىللە تەختتىن چۈشۈپ، ھوقوقنى ئىككى<كائېسار>غا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كېيىن سارونايىغا قايتىپ بېرىپ، كاتتا قوروقتا ئۆلگەنگە قەدەر ئولتۇرغان.