—参考资料
داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرسوۋېت ئىتتىپاقى رۇس فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى بىر مەمۇرىي رايون بولۇپ، چوڭ كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شەرقىي بۆلىكى بىلەن كاسپىي دېڭىز ئارىلىقىغا جايلاشقان. يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ جايغا داغىستان (تاغلىق جاي) دەپ نام بېرىلگەن. داغىستاننىڭ يەر مەيدانى 50 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، ئاھالىسى بىر مىليون 734 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985). ئاھالىنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاۋار، دارگىن، لېزگىن، لاك قاتارلىق تۈركىي خەلقلىرى ۋە ئىرانلىقلار ياشايدۇ. داغىستان 1921 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان، مەركىزى ماخاچكالا شەھىرى. داغىستاننىڭ جەنۇبىنى كاۋكاز تاغلىرى، شىمالىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەپ تۇرىدۇ، تاغلىقلار 4/3 قىسىم يېرىنى ئىگىلەيدۇ، ئەڭ ئېگىز بولغان بازاردىيوز چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4480 مېترغا يېتىدۇ. شىمالىدىكى كاسپى دېڭىز قىرغاقلىرىنى تۈزلەڭلىكلەر ئىگىلەيدۇ. كان بايلىقلىرىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار. تاغلىق رايونلىرىدا مىنېرال بۇلاقلار كۆپ، ئىقلىمى قۇرغاق بولۇپ، شىمالىي تەرىپىنى يېرىم چۆل ھەم ئوتلاقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ. بۇ جايدىكى كۇما، تېرىك، سۇلاك قاتارلىق دەريالار يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تېرىقچىلىق ئىشلىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان. چارۋىچىلىقىدا قوي بېقىش مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مۇھىم شەھەرلىرىدىن دېربېنت، خاساۋيورت قاتارلىق شەھەرلەر بار.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。