Chinese→Uyghur主要词典
大东亚共荣圈
دۇنيا تارىخى
بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئاسىيا ئەللىرىنى قۇل قىلىش، چوڭ مۇستەملىكىچى ئىمپىرىيىنى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇش يولىدىكى تاجاۋۇزچىلىق كېڭەيمىچىلىك پىلانى. 1940-يىلى 8-ئايدا كونوئې فۇمىمارۇ ئىچكى كابىنتى تۈزگەن <دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىتى پروگراممىسى>دا <پادىشاھلىق دۆلىتى> يادرو قىلىنغان، ياپونىيە، <مانجورىيە> ۋە جوڭگونىڭ مۇستەھكەم بىرلىشىشى ئاساس قىلىنغان <بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا يېڭى تەرتىپى>نى ئورنىتىپ، <پۈتكۈل شەرقىي ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق چەمبىرىكى >نى قۇرۇش رەسمىي ئوتتۇرغا قويۇلغان. شۇيىلى 8-ئايدا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ماتسوئاكا يوسۇكې <بۈيۈك شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى>دېگەن سۆزنى تۇنجى قېتىم قوللانغان. <ئورتاق گۈللىنىش چەمبىرىكى>گە كىرگۈزۈلگەن دۆلەت ۋە رايونلار ئىچىدە جۇڭگو، چاۋشىيەن، ھىندىچىنى، بىرما، تايلاند، مالايشىيا، فىلىپپىن، گوللاندىيىگە قاراشلىق شەرقىي ھىندىستان (ھازىرقى ھىندۇنېزىيە)، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئەنگىلىيەگە قاراشلىق ھىندىستان(ھازىرقى ھىندىستان، پاكىستان، بېنگال)، ئافغانىستان ۋە تېنچ ئوكياندىكى نۇرغۇن ئاراللار بار. جوڭگو ۋە ئاسىيا خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشى، بۇ پىلاننى ئۈزۈل كېسىل تارمار قىلدى.