Uyghur主要词典
دادلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئازاب _ ئوقۇبەت، جەبىر _ جاپا، دەرد _ ئەلەمگە چىدىماي، ئەرز _ شىكايەت قىلماق؛ قاتتىق ۋارقىراشماق ۋە يىغلىماق.
ئۇ خوجايىندىن قاتتىق دادلىدى. ئايشەمخان ئېرىدىن زارلاپ، جىق نالە قىلاتتى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يامان سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىمەك.
ماختىماق، داڭلىماق، داملىماق، شىيلىماق، كۆككە كۆتۈرمەك
ياخشى سۆزلەر بىلەن تەرىپلىمەك.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە. ماختىغان قىز مالىخايغا چىچىپتۇ. بەزىلەرنىڭ ماختىغىنى دادلىغىنىدىن يامان. ئالدىدا ماختاپ، كەينىدە دادلاپتۇ. داملىغىلى يات يەر ياخشى. ئېشەك قۇلىقىنى داڭلار. شىيلىغانغا شىر كۆنۈك. يارىمنىڭ تىللىغىنى - چىللىغىنى. تىللاش - داۋلى بىلمەيدىغانلارنىڭ داۋلىسى. شاراب ئىچكەندە سۆكۈپ، ھاراق ئىچكەندە سۆيۈپتۇ. ماختىغاننى كەمسىت، تىللىغاننى ماختا. پۇلى يوق تاللاشقا ئۇستا، سېتىقچى ماختاشقا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جىسمانىي، روھىي ئازاب دەستىدىن ياكى قورققىنىدىن قاتتىق ئاۋاز بىلەن نالە قىلىپ ۋارقىرىماق، پەرياد كۆتۈرمەك.
بىز كوچىدا قالدۇق، يىغلىسام يىغام، دادلىسام دادىم يەتمىدى.
بىراۋ ئۈستىدىن رەنجىپ، ئاغرىنىپ نالە قىلماق.
مەن ئايالىمنىڭ مۇنداق دادلاشلىرىغا پەرۋاسىزلىق بىلەن كۈلۈپلا قوياتتىم.