Uyghur主要词典
داڭ چىقارماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نام - ئاتاققا ئېرىشمەك.
تارتقۇلۇقنى بىز تارتىۋاتىمىز. ئاتاقنى باشقىلار ئېلىۋاتىدۇ.
تىلەمچىلەرگە سەدىقە بېرىپ ئاتاق چىقار. داڭ چىقارغىن ياخشى بىلەن. ياخشىلىق قىل، ياخشىلىقىڭ داڭ كەتسۇن داڭق چىقارغان باتۇر ئۆلمەيدۇ. بىزنىڭ ۋالىبولچى قىزلىرىمىز شۆھرەت قازاندى. نام چىقارغان يەردە قالماس.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
(1) نام - شۆھرەت قىلماق: خوتەن تارىختا پىلچىلىك ۋە يىپەكچىلىك، توقۇمىچىلىقى بىلەن دۇنياغا داڭ چىقارغان. (2) بىرەر ئالاھىدىلىكى بىلەن نامىنى ئەلگە يايماق، ھەممىگە بىلدۈرىمەك: ئىسمائىل سوپۇم بېخىل، پىخسىقلىقى، ھىيىلىگەرلىكى،ئاچ كۆزلۈكى ۋە ھۇرۇنلۇق بىلەن داڭ چىقارغان.