Uyghur主要词典
داباۋ قانۇن پەرمانى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ياماتو دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن نارا دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگىچە يولغا قويۇلغان قانۇن - نىزاملار. تېننو فۇمىاكى (مىلادى 697 - 707-يىللاردا تەختتە تۇرغان) داباۋ 1-يىلى (701-يىل) بۇ پەرماننى تۈزگەن ۋە ئىككىنچى يىلى يولغا قويغانلىقتىن <داباۋ قانۇن - پەرمانى> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مەزمۇنىرى تېننو جىتو دەۋرىدىكى <فېينباۋ يىلىدا خان تەھقىقلىگەن قانۇن - پەرمانى> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى تېننو جىتو دەۋرىدىكى <فېينباۋ يىلىدا خان تەھقىقلىگەن قانۇن - پەرمانلار> (689 - يىلى يولغا قويۇلغان) غا ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ ئالتە جىلد قانۇن ۋە 11 جىلد پەرماندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇ تايكا ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان. پەرماننىڭ ئەسلى كوپىيىسى ھازىر يوقاپ كەتكەن. ئاساسلىق مەزمۇندا <ياڭلاۋ قانۇن - پەرمانى> غا (ياڭلاۋ 2-يىلى يەنى 718-يىلى تۈزۈلگەن) ۋارىسلىق قىلىنغان. لېكىن بۇ ئىككى قانۇن پەرماننىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىمۇ بار. بۇ قانۇن - پەرمانلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تاڭ سۇلالىسى پەرمانىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.