Chinese→Uyghur主要词典
大棒改策
دۇنيا تارىخى
چوڭ توقماق سىياسىتى
يوغان توقماق سىياسىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قورال كۈچى بىلەن تەھدىت سېلىش ۋە ئۇرۇش پوپوزىسى قىلىش سىياسىتى. ئەسلى ئامېرىكىنىڭ 26 - نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى تېئودور روزۋېلىت 1916 - يىلى 5 - ئايدىكى بىر قېتىملىق نۇتقىدا ئوتتۇرغا قويغان. شۇ چاغدا ئۇ ئافرىقىنىڭ بىر تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆزى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلى (1901 - 1909) دىكى تاشقى سىياسەتنى چۈشەندۈرۈپ: <تىلى يۇمشاق بولۇش، قولدا توقماق بولۇش كېرەك> دېگەنىدى. كېيىن ئۇ تەرەققى قىلىپ ئاتالمىش <توقماق - سەۋزە سىياسىتى> بولۇپ قالغانىدى.