Uyghur←Chinese主要词典
چېخ دۆلەت قانۇنى
دۇنيا تارىخى
捷克国家法
jié kè guó jiā fǎ
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى چېخ مىللىي پارتىيىسىنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ھۈججىتى. ئاۋسترىيىنى مەركەز قىلىپ ئىمپېرىيە قوشما شتاتى قۇرۇشنى، چېخ خان جەمەتى خوجىلىق يېرىنىڭ تارىخىي ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، قوشما شتات دائىرىسىدە چېخ پارلامېنتى ۋە چېخ مىللىي ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ تەشەببۇس ئەمەلگە ئاشمىغان.