Uyghur←Chinese主要词典
چىۋىن تۇتقۇچ
بىئولوگىيە
蛐蜓
qūtíng
كونىچە <چوقۇرق قۇرت> دېيىلىدۇ. ئۇ كۆپ پۇتلۇقلار سىنىپىنىڭ خلوپودا كەنجى سىنىپىغا كىرىدۇ. تەن شەكلى كىچىكرەك، قىسقا ھەم ياپىلاقراق، كۆكۈچ ئاق رەڭلىك. ئۇنىڭ ئانتېننىسى ئۇزۇن، زەھەر تاڭلىيى چوڭ، گەۋدە قىسمىدا 15 تەن بوغۇمى بولۇپ 11 پارچە دۈمبە پلاستىنكىسى تەن بوغۇملىرىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. ھەر بىر بوغۇمىدا بىر جۈپتىن ئىنچىكە پۇتى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈپى ئالاھىدە ئۇزۇن بولىدۇ. پۇتلىرى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ. ھاۋا قاپقىقى دۈمبىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. ھەرىكىتى ناھايىتى تېز، كۈندۈزى ئۆيلەرنىڭ ئىچى - سىرتىدىكى نەم - سايە جايلاردا يوشۇرۇنۇپ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇق ئىزدەپ كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. مەملىكىتىمىزدە ئۇنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىرى، تۇبېركۇلاتا (T.tuberculata) ۋە چوڭ چىۋىن تۇتقۇچ (Thereuopoda clunifera) لار بار.
ئۇنىۋېرسال
捕蝇器
bǔ yíng qì