Uyghur主要词典
چۇئىرىنو
دۇنيا تارىخى
(1890 - 1956) فىلىپپىن زۇڭتۇڭى (1948 - 1953). لۇسون ئارىلىدا تۇغۇلغان. فىلىپپىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1919 - 1935 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاۋام پالاتا ئەزاسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى بولغان. 1934-يىلى مۇستەقىل ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، چۇئېزون بىلەن بىللە ئامېرىكىغا بارغان. شۇ يىلى ئاساسىي قانۇن كېڭىشىگە سايلىنىپ كىرگەن. 1935-يىلى ئاپتونومىيە ھۆكۈمىتىىڭ مالىيە مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ياپونىيە ئىشغالىيىتى مەگىلىدە فىلىپپىندىلا تۇرغان. 1946-يىلدىكى چوڭ سايلام ۋاقتىدا روخاس بىلەن بىرلىكتە خەلق پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ، لىبېراللار پارتىيىسىنى قۇرغان ھەمدە يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1948-يىلى سىياسىي ساھەدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1953-يىلى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان.