Uyghur主要词典
چۈچۈكبۇيا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۈچۈكبۇيىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 03 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن تېنى تۈكلۈك بولىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى تۈۋرۈك شەكلىدە يوغان بولۇپ، قوۋزىقى قىزغۇچ
قوڭۇر ياكى قارامتۇل قوڭۇر، تەمى تاتلىق بولىدۇ. غولى تىك، تۆۋەن قىسمى ياغاچلاشقان بولۇپ، يۇقىرى قىسمى كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى 7 ~ 17 تال بولۇپ، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى
سوقىچاقراق تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى كېپىنەكسىمان، رەڭگى سۇس سۆسۈن ياكى قىزغۇچ
سۆسۈن بولىدۇ. قاسىراقلىق مېۋىسى ئورغاقسىمان ئېگىلگەن، خورما رەڭدە، زىچ تىكەنسىمان بەز تۈكلىرى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار ۋە كەچ كۈزدە قېزىۋېلىپ، ئىككى ئۇچىدىكى ئۇششاق
يىلتىزلىرى ۋە يۇمران بىخلىرىنى ئېلىۋېتىپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يالپاقلاپ توغراپ، ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇملۇق ۋە ئوتلاقلاردا
ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
ماددىلارنى يۇمشىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قويۇق خىلىتلارنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش،
نېرۋا ۋە پەيلەرنى كۈچەيتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، يۆتەلنى توختىتىش، زەھەر تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
35 گرام چۈچۈكبۇيىنى 35 گرام سوغىگۈل، 02 گرام تاغ دېنى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا
تۆت گرام تالقاننى قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چۈچۈكبۇيا، قوڭغۇراقگۈل ۋە بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك
كانايچە ياللۇغى ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پۈچەك بۇغدايدىن 35 گرام، 12 گرام ھەسەل بىلەن ئىشلەنگەن چۈچۈكبۇيا، ئالتە تال چىلان، 25 گرام گۈلسامساق، 15 گرام ياز غازىڭى، 12
گرام لوڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھېستېرىيىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام چۈچۈكبۇيا ۋە كۆك ماشنىڭ ھەربىرىدىن 35 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشكە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كىشىلەر دائىم »ياخشى دورا ئاچچىق بولىدۇ« دېيىشىدۇ، بىراق چۈچۈكبۇيا ئۇنداق ئەمەس.
چۈچۈكبۇيا پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق يېرىم چاتقالسىمان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى تەخمىنەن0 .5 مېتىر، غولىدا تىكەن تۈكچىلىرى بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق شەكىللەندۈرگەن. يازدا كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ. گۈل تاجىسى كېپىنەكسىمان بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۈزدە ئورغاق شەكىللىك ياكى ھالقىسىمان تار چوكا مېۋە تۇتىدۇ.
چۈچۈكبۇيىنىڭ ئوق يىلتىزى بىلەن يىلتىزسىمان غولى توم، پوستى (قوۋزىقى) قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ھەر ئىككىسى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە گلېتسېرىن، گلېتسېررىزىنىك كىسلاتا، گلېتسېررېتىنىك كىسلاتا، گلېتسېررىزا گلۇكوزىدى (چۈچۈكبۇيا گلۇكوزىدى)، كراخمال، ئوكسىدسىزلىغۇچى قەنتلىك كوللوئىد (يېلىمسىمان ماددا) ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىقلار بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە چۈچۈكبۇيا قىزىتمىنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى نەملەشتۈرۈپ يۆتەل توختىتىش، باشقا دورىلارنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتىنى تەڭشەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا رېتسېپلىرىدا ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ.
گلېتسېررىزىننىڭ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. چۈچۈكبۇيا ياسالما دورىلىرىنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تورمۇزلاش رولى بولغاچقا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان ۋە12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. چۈچۈكبۇيىنىڭ يەنە يۇتقۇنچاق - كېكىرتەك ۋە كاناينىڭ شىللىق پەردىسىنى ئاسراش رولى بولغاچقا، كېكىرتەكنى نەملەشتۈرۈپ يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى بار. گلېتسېررېتىنىك كىسلاتاسىنىڭ ياللۇغلىنىشقا ۋە زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى ئۈنۈمى بولۇپ، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، تولغاق (دېزىنتىرىيە) تاياقچە باكتېرىيىسى، يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە تۇبېركوليۇز تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا قارىتا تىزگىنلەش رولى بار.
ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چۈچۈكبۇيىدا يەنە يۇقىرى قان بېسىمى بار بىمارلاردىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش، دۆلىنىش (چۆچۈش)كە قارشى ئۈنۈمىمۇ بار ئىكەن.
ئېلىمىزنىڭ چۈچۈكبۇيا دورا مەنبەسى مول، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان بولۇپ، شىنجاڭ چۈچۈكبۇيىسىنىڭ سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.